باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2020 – يىلى شەھەرلەر توپى قاتناش ھەممىباب كارتىسى ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ

2015.05.07 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى «قاتناش ھەممىباب كارتىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى تېزلىتىپ ئورتاق ئىشلىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»نى ئېلان قىلدى. «يېتەكچى پىكىر»گە ئاساسەن، 2020- يىلىغىچە دۆلىتىمىزدە ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەر توپىدا شەھەر ھالقىغان، ئۆلكە ھالقىغان قاتناش ھەممىبات كارتىسىنى ئورتاق ئىشلىتىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە قاتناش تىرانسپورت ھەممىبات كارتىسى تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ.

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبىي قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇقتىلىق رايونلاردا قاتناش ھەممىباب كارتىسى ئورتاق ئىشلىتىش ئالدى بىلەن يولغا قويۇلىدۇ. «يېتەكچى پىكىر»گە قارىغاندا، رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى بىر تۇتاش ئويلىشىلىپ، بيېجىڭ، تيەنجىن، خېبىي، چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ئۇتتۇراھال شەھەرلەر توپى قاتارلىق شارائىتى نىسبەتەن پىشىپ يىتىلگەن، ئىچكى ئېھتىياجى بار نۇقتىلىق رايونلار ۋە ئاممىۋى قاتناش مەركىزى شەھىرى بەرپا قىلغان شەھەرلەر تاللىنىلىپ، شەھەرلەر ئارا قاتناش ھەممىباب كارتىسى قۇرۇلۇشى باشلىنىدىكەن. قاتناش ھەممىبات كارتىسىنى تاكسىي، ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، شەھەرلەر ئارا تىراللىبۇس، سۇ يولى يولۇچىلا تىرانسىپورتى، ئاممىۋى ۋېلىسىپىت ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىق قاتناش تىرانسىپورت ساھەسىدە ئىشلىتىلىشى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۈمۈريول، پۇقرالار ئاۋىئاتسىيەسى قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىلىشى پائال ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر