- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ج خ مىنىستىرلىكى: زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ روھىي كېسەللىك ئالامىتى بايقالغان ھامان كونترول قىلىش كېرەك
2015.05.06 15:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆنۈگۈن ج خ مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئىككىنچى ئايدىن بۇيان جياڭشى، نىڭشيا قاتارلىق جايلاردا 8قېتىم زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ۋەقە تۇغدۇرۇش، زورلۇق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىشقا قارشى چىقىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 8كىشى ئۆلدى، 12ئادەم يارىلاندى. ج خ مىنىستىرلىكى زەھەر چەكلەش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، زەھەر چېكىش سەۋەبلىك روھىي كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەنلەرگە قارىتا بايقالغان ھامان دەرھال كونترول قىلىش، قانۇن بويىچە يىغىپ زەھەر تاشلىتىپ داۋالاشنى تەلەپ قىلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر