باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن يىل ئىچىدە ئۇچ گۇۋاھنامىنى بىرلەشتۈرۈش پىكرىنى چىقىرىدۇ

2015.05.06 14:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن يېقىندا «يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى پىكىر»نى چىقىرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھام بەردى. پىكىردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئومۇمىي بېسىمى يەنىلا مەۋجۇت بولدى، شۇڭا تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش زۆرۈر. سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەسمايىنى رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سودا-سانائەت تىجارەت كىنىشكىسى، تەشكىلىي ئاپپارات ۋاكالەت نومۇر كىنىشكىسى، باج تىزىملاش كىنىشكىسىدىن ئىبارەت ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك، يىل ئىچىدە ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈپ تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھات پىكرى ۋە جەمئىيەتتىكى بىرلىككە كەلگەن ئىناۋەتلىك ۋاكالەت نومۇرى لايىھەسى چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر گۇۋاھنامە، بىر ۋاكالەت نومۇرى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئازادە، قولاي بولغان ئىجازەت مۇھىتى ھازىرلاش لازىم. پىكىردە يەنە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: تىجارەت دائىرىسىنى تىزىملاشقا بولغان كونترولنى بوشىتىپ، جايلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا يېڭىدىن رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانا، سورۇنلارنى تىزىملاش شەرتىگە بولغان چەكلىمىنى بوشىتىشىنى قوللاپ، بىر ئادرېستا كۆپ گۇۋاھنامە بولۇش، كوللېكتىپ رويخەتكە ئېلىش قاتارلىق تۇرۇشلۇق جايدا تىزىملاش ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بۇنداق سىياسەت ئىلگىرى چېڭدۇ قاتارلىق جايلاردا سىناق قىلىنغان. تىجارەتچىلەر بىر جايدا ئوخشىمىغان ئىككى شىركەتنى رويخەتكە ئالدۇرسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر