باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىش كېرەك

2015.05.06 11:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 22 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى:

  يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ماي تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى 30 - ئاپرېل چۈشتىن كېيىن شەھەر، يېزا تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا 22 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شەھەر، يېزا تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش −− پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، شۇنداقلا «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈر تەلىپى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا ئەڭ جاپالىق ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە يېزىلاردا، بولۇپمۇ يېزىلاردىكى نامرات رايونلاردا. خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر، يېزا مۇناسىۋىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، بولۇپمۇ شەھەر ۋە يېزىدىن ئىبارەت ئىككى مەنبەلىك قۇرۇلمىنى بۇزۇش، شەھەر، يېزىلاردىكى مۇھىم ئامىللارنى باراۋەر ئالماشتۇرۇش ۋە جامائەت بايلىقىنى تەڭ تەقسىملەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور بۆسۈشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ، يېزا تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئىسلاھات - تەرەققىيات مۇساپىسىگە باراۋەر قاتنىشىشى ۋە ئىسلاھات - تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  ئۆگىنىشتە، گو جىنلۇڭ، خۇاڭ شىڭگو، جۇ بېنشۈن بېيجىڭ شەھىرى، تيەنجىن شەھىرى ۋە خېبېي ئۆلكىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەھەر، يېزا تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى سۆزلىدى ھەم پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرى ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشتى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: شەھەر - يېزا تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش −− سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەرلەشتۈرۈش - بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە يۈزلىنىدىغان مۇقەررەر تەلەپ، بۇ دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم بەلگىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پارتىيەنىڭ پۈتۈن خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش توغرىسىدىكى سىياسەت سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، بۇنىڭ بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنى روشەن كۈچەيدى، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلىرى روشەن ياخشىلاندى، شەھەر - يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، شەھەر، يېزا مۇناسىۋىتىنى تەڭشەشتە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «قەرزى» كۆپ، ئاساسى ئاجىز بولغاچقا، ئېلىمىزنىڭ شەھەر، يېزا تەرەققىياتىدا تەڭپۇڭسىزلىق ۋە ماسلاشماسلىق زىددىيىتى يەنىلا بىرقەدەر گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ، شەھەر، يېزا تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ گەۋدىلەندى، تەلەپ بارغانسېرى كۈچىيىپ باردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: شەھەر، يېزا تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىش، ئېلىمىزنىڭ شەھەر، يېزا تەرەققىياتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق، ماسلاشماسلىق ۋە ئىككى مەنبەلىك قۇرۇلمىدىن ئىبارەت رېئاللىقنى چىقىش قىلىش، ئېلىمىزنىڭ تەبىئىي شارائىتى، تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، تۈزۈم ۋە تۈزۈلمىسىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىشىمىز، كونا قائىدە - يوسۇنلارغا ئېسىلىۋالماسلىقىمىز، خەلقئارادىكى ئىلغار تەجرىبىلەردىن ئۆرنەك ئېلىشىمىز، كۆچۈرمىچىلىك قىلماسلىقىمىز كېرەك. سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى، شەھەر بىلەن يېزىنى بىر پۈتۈن گەۋدە ئورنىدا بىر تۇتاش پىلانلاپ، شەھەر، يېزىنىڭ يىرىك پىلان ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئامىل تەقسىماتى، كەسىپ تەرەققىياتى، ئاممىۋى مۇلازىمەت، ئېكولوگىيەنى قوغداش جەھەتتە ئۆزئارا بىرىكتۈرۈپ ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. شەھەر، يېزىنى ئۆزئارا بىرىكتۈرگەن تۈزۈلمە - مېخانىزم بەرپا قىلىش ئارقىلىق، سانائەت يېزا ئىگىلىكىگە تۈرتكە بولىدىغان، شەھەر يېزىنى يېتەكلەيدىغان، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر - بىرىگە نەپ يەتكۈزىدىغان، شەھەر، يېزا بىر گەۋدىلەشكەن يېڭىچە سانائەت - يېزا ئىگىلىكى، شەھەر، يېزا مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىشىمىز كېرەك. شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈش، شەھەر - يېزا ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈش، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، شەھەر، يېزا ئامىلىنىڭ تەقسىماتىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش، شۇنداقلا شەھەر، يېزا كەسىپ تەرەققىياتىنى بىرلەشتۈرۈشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، شەھەر، يېزا تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان ماددىي ئاساسى ۋە تېخنىكا شارائىتى ھازىرلىنىپ، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى يۆلەيدىغان، شەھەر ئارقىلىق يېزىلارنى قوللايدىغان تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. دۆلىتىمىز تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكى ۋە يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى يۆلەش ۋە شەھەر ئارقىلىق يېزىلارنى قوللاشنى ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرىدىغان فاڭجېن قىلىپ، ئۈنۈمى ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئىسپاتلانغان يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش ۋە دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەرساھە كۈچلىرىنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، تىرىشىپ شەھەر، يېزا تەرەققىياتى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن يېڭىچە ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ يەنە مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈش - بازارلاشتۇرۇش بىلەن ماس قەدەمدە راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، كۈچلۈك قوزغاتقۇچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىسلاھاتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر، يېزا ئىككى مەنبەلىك قۇرۇلمىنى ئۈزلۈكسىز بۇزۇش كېرەك. يىرىك پىلان تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزا تەرەققىيات يىرىك پىلانى تۈزۈش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ لايىھەلەش ۋە كۆپ خىل يىرىك پىلاننى بىرلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىپ، يىرىك پىلاندا شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ ئايرىلىپ قېلىشى ۋە شەھەرگىلا ئەھمىيەت بېرىپ يېزىلارغا سەل قاراش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تۇتاشتۇرۇش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق مەنپەئەتلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئۇل ئەسلىھە ۋە جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى توغرىسىدا تەدبىر بەلگىلەش، مەبلەغ سېلىش، قۇرۇلۇش قىلىش ۋە باشقۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەت كاپىتالىنى يېزا جامائەت پاراۋانلىقى ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. شەھەر، يېزا ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۇچەيتىش كېرەك. نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، شەھەر ۋە يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا كۆچمە نوپۇسلىرىنى تەدرىجىي شەھەرگە كىرىش، ئولتۇراقلىشىش، شەھەرگە ماسلىشىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداپ، شەھەر ۋە يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: شەھەر، يېزا تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئومۇمىيەت ۋە ئۇزاق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك زور ۋەزىپە. ھەر قايسى رايون ۋە تارماقلار بۇ ۋەزىپىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، سىستېمىلىق پىلانلاش، تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، قاراتمىلىققا ئىگە سىياسەت - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، شەھەر، يېزا تەرەققىياتىنى يۇقىرى سەۋىيەدە بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر