- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئامېرىكىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى
2015.05.05 17:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 4-ماي ئامېرىكا خەلقئارا دىن ئەركىنلىكى كومىتېتى ئېلان قىلغان 2015-يىللىق دوكلاتتىكى جۇڭگوغا چېتىلىدىغان مەزمۇنلار ئۈستىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ بۇ ئىش توغرىلىق ئامېرىكا تەرەپ بىلەن سۆزلەشتى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.
خۇا چۈنيىڭ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ھۆكۈمېتى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىلىدۇ ھەمدە قوغدايدۇ. جۇڭگو پۇقرالىرى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە تولۇق بەھرىمەن بولالايدۇ. «ئاتالمىش ئامېرىكا خەلقئارا دىن ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ دوكلاتى سىياسىي ئاداۋەتكە تولغان. جۇڭگوغا قارىتا ئەيىپلەشنىڭ ئاساسى يوق، بىز قەتئىي قارشى تۇرىمىز.»
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر