خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:يېقىندا، جۇڭگو ئاياللىرى كورىيەگە بىرىپ شەكىل تۈزەپ مېڭىسى ئۆلدى، ۋۇخەنلىك قىز كورىيەگە بىرىپ شەكىل تۈزەپ يۈرىكى توختاپ قالدى، ئاق ياقىلىق ئايال ھەممە پۇلىنى خەجلەپ كورىيەدە شەكىل تۈزەپ مەغلۇپ بولۇپ ھوقۇقىنى قوغدايمەن دەپ قامالدى دېگەندەك كىشىنى چۆچىتىدىغان خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇردى. يەنە بىر تەرەپتىن، كورىيە، ياپونىيە، جۇڭگو تەيۋەن، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەت، رايونلارنىڭ داۋالاش- ساياھەت كەسىپلىرى جانلىنىپ ئالتۇن شۈمۈردىغان قۇرالغا ئايلاندى.
كورىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 2012 - يىلى، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر تۇنجى قېتىم ئامېرىكا ساياھەتچىلىرىدىن ئېشىپ كورىيە داۋالىنىش ساياھەت بازىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىستېمال چىلىرىغا ئايلانغان. 2014-يىلى، كورىيەگە بىرىپ شەكىل تۈزەش ئوپىراتسىيەسى قىلىدىغان جۇڭگولۇقلارنىڭ سانى 56 مىڭغا يەتكەن. ھەر 10 نەپەر كورىيىگە بېرىپ شەكىل تۈزەيدىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ ئىچىدە 7 نەپىرى جۇڭگولۇق ئىكەن. جۇڭگو شەكىل تۈزەش گۈزەللەشتۈرۈش جەمئىيىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، دۆلىتىمىزدە كورىيەگە بىرىپ شەكىل تۈزەش ھادىسە ۋە ماجىرا يۈز بېرىش نىسبىتى يىلىغا 10% دىن 15% سۈرئەت بىلەن كۆپەيمەكتە.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى