- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


نېپالدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار 7056گە يەتتى
2015.05.04 15:53 مەنبە: خەلق تورى
 |
نېپالدىكى سندۇپارىچالكتا 3-مارت يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن تاغلار سىيرىلىپ چۈشۈپ ئۆيلەرنى بۇزۇۋەتتى.
|
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نېپال ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 3-ماي ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 25-ئاپرېل نېپالدا يۈز بەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە ھازىرغىچە 7056 كىشى قازا قىلغان، 14123 كىشى يارىلانغان.
نېپال سەھىيە تارماقلىرىنىڭ باھالىشىچە، سندۇپارىچالك ۋە گۇركا قاتارلىق ئاپەت ئېغىر رايونلارنىڭ كۆپ قىسىم داۋالاش ئەسلىھەلىرى يەر تەۋرەشتە بۇزۇلۇپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقا چوڭ توسالغۇ ئېلىپ كەلگەن. يىراقراق جايدىكى قىسمەن ئاپەت رايونلىرىغا داۋالاش ئەترىتى ۋە ماددىي ئەشيالار تېخىچە يەتكۈزۈلمەي، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ياردەمگە موھتاج بولغان.
نېپال سەھىيە تارماقلىرىنىڭ دېيىشىچە، ھازىرغىچە خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن بولۇپ تەخمىنەن 50 داۋالاش ئەترىتى ئاپەت رايونلىرىغا يېتىپ بارغان.
مەنبە: خەلق تورى
 |
نېپالدىكى سندۇپارىچالكتا 3-مارت كىشىلەر يارىدارنى قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ ماڭماقتا.
|
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر