باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-پەسلىدە دۆلەت كىچىك مىكرو كارخانىلارنىڭ 24 مىليارد يۈەن بېجىنى ئازايتقان

2015.05.04 09:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى 2-ماي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل 1-پەسلىدە دۆلەت كىچىك مىكرو كارخانىلارنىڭ 24 مىليارد يۈەن بېجىنى ئازايتقان. ئۇنىڭ ئىچىدە تاپاۋەت بېجىنىڭ يېرىمىنى ئېلىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولغان كىچىك مىكرو كارخانا ئىككى مىليون 160مىڭ بولۇپ، نەپ ئېلىش دائىرىسى %90تىن يۇقىرى، ئازايتىلغان باج سوممىسى بەش مىليارد 100مىليون يۈەن بولغان. ۋاقتىنچە كۆپەيمە قىممەت بېجى ئېلىش ۋە تېجارەت بېجى ئېلىشنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولغان كىچىك مىكرو كارخانا ۋە يەككە تىجارەتچى 27مىليون بولۇپ، ئازايتىلغان باج سوممىسى 18 مىليارد 900مىليون يۈەن بولغان.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كىچىك مىكرو كارخانىلاردىن باج ئېلىشتا ئېتىۋار بېرىش سىياسىتى يەنىمۇ ياخشىلاندى، كىچىك مىكرو كارخانىلاردىن كارخانا تاپاۋەت بېجىنىڭ يېرىمىنى ئالىدىغان يىلدا تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك تاپاۋەت بېجى 100مىڭ يۈەندىن 200مىڭ يۈەنگە تەڭشەلدى، بۇنىڭ بىلەن نەپ ئېلىش دائىرىسى كېڭەيدى. ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش جەھەتتە، ئۆتكەن يىلى كىچىك مىكرو كارخانىلارغا باجدا ئېتىۋار بېرىش سىياسىتىدە ئالدى بىلەن تەستىقلاش ئىشتىن كېيىن ئەنگە ئالدۇرۇشقا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، بۇ يىل باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى يەنە مەخسۇس ئەنگە ئالدۇرۇشنى باج تاپشۇرۇش جەدۋىلىنى تولدۇرۇش ئارقىلىق، ئاپتوماتىك ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىشكە ئۆزگەرتتى، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئەنگە ئالدۇرۇش ماتېرىيالىنى قايتىدىن مەلۇم قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق بولۇپ، باج يۈكى يەنىمۇ يېنىكلىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر