- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگونىڭ تېز سۈرئەتلىك پويىزى مىلان دۇنيا كۆرگەزمىسىدە نامايەن بولدى
2015.05.04 09:35 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو جەنۇب پويىز ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو جەنۇب پپويىز ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان جۇڭگونىڭ تېز سۈرئەتلىك پويىزىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە CRH 380 A تىپلىق تېز سۈرئەتلىك چاقماق پويىزلار گۇرۇپپىسى ئىتالىيەنىڭ مىلاندا ئۆتكۈزىلىۋاتقان 42-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆرگەزمىسىدە نامايەن بولغان.
2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگونىڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول مۇساپىسى 16 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى، ياسىلىۋاتقان كۆلىمى 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى، تېز سۈرئەتلىك پويىزنىڭ قاتنىشى رايون ئىقتىساد سودا ئالاقىسىغا تۈرتكە بولدى، ئىقتىسادىي ھاياتى كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ماتورىغا ئايلاندى.
جۇڭگونىڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيىتى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. جۇڭگو جەنۇب پويىز ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى مۇنداق دېدى: يەر شارىدىكى 50 نەچچە دۆلەت شىركىتىمىز بىلەن تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ھەمكارلىقى ھەققىدە ئۇچراشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 20 نەچچە دۆلەت چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. بۇ ئامېرىكا، بىرازىلىيە، رۇسىيە، تايلاند، مالايسىيا، سېنگاپور، رومىنىيە قاتارلىق تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول يوشۇرۇن بازىرىغا ئىگە دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. CRH 380 A تىپلىق تېز سۈرئەتلىك چاقماق پويىزلار گۇرۇپپىسى جۇڭگونىڭ تېز سۈرئەتلىك پويىزىنىڭ ۋەكىللىك مەھسۇلاتى، ئىلگىرى بېيجىڭ شاڭخەي تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدا باشلامچى بولۇپ سائەتلىك سۈرئىتى 486.1 كېلومېتىرلىق دۇنيا تېز سۈرئەتلىك پويىز ھەرىكەت سىنىقىدىكى ئەڭ تېز سۈرئەتنى ياراتقان، ھازىرغا قەدەر بىخەتەر قاتناش مۇساپىسى 300 مىليون كېلومېتىردىن ئاشتى. 2010-يىلى ئامېرىكىنىڭ داۋېس ئادۇۋكاتلىق ئىش ئورنى ۋە ئامېرىكا پاتېنت تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ پاتېنېت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، 900 نەچچە تۈرلۈك تېز سۈرئەتلىك پويىزغا ئالاقىدار پاتېنتىغا ئېرىشكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر