باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىي ساياھەت قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈردى

2015.05.04 09:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى يېقىندا مەدەنىي ساياھەت قىلىش تەشەببۇسىنى ئېلان قىلىپ، ساياھەت جەريانىدىكى مەدەنىيەتسىزلىك قىلمىشلىرىنى باشقۇرۇش چارىسىنى قېلىپلاشتۇردى. جايلاردىكى ساياھەت تارماقلىرى ماي بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە نەسىھەت قىلىش ، جازالاش سالمىقىنى ئاشۇردى.بۇنىڭ بىلەن بەزى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ساياھەت تەرتىپى بىر ئاز ياخشىلاندى .ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت جەريانىدىكى مەدەنىيەتسىزلىك قىلمىشلىرىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىدە ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلدى.

  خاربىن شەھىرىنىڭ قۇياش ئارىلى مەنزىرە رايونىغا يېقىن جايدىكى چوڭ تىپتىكى پىئانىنو ھەيكىلى يېنىدا ساياھەتچىلەر بەس - بەستە ساز چالدى، گەرچە ئادەم سانى كۆپ ، ۋاقىت شۇنچە ئاز بولسىمۇ ، لېكىن كۆپچىلىك يەنىلا ئۆچىرەتتە تەرتىپلىك تۇردى. ساقلاپ تۇرغان ساياھەتچىلەر خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەندىن كېيىن تەرتىپ بويىچە ساز چالدى. نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەر مۇھىت ئاسراش خالتىسىنى ئۆزى تەييارلاپ ، ساياھەت قىلىش جەريانىدىكى ئەخلەتنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلدى.

  ماي بايرىمىلىق ئارام مەزگىلىدە ، سەنشىدىكى ۋۇتەيشەن تېغىغا بارغان ساياھەتچىلەر كۆپەيدى. يەرلىك ساياھەت تارماقلىرى قاتناش يول ئېغىزلىرى ۋە ساياھەتچىلەر مەركەزلىك بولغان ئىبادەتخانىلارغا ۋاقىتلىق مەسلىھەتچىلىك ئورنى تەسىس قىلدى ۋە ئالتە دانە چوڭ تىپتىكى ئېلان تاختىسى قاداپ ، ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىي ساياھەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى. ھەمدە مەنزىرە رايوننىڭ ھەقسىز مەسلىھەت سوراش تېلېفونى ۋە ئەرز قىلىش لىنىيىسىنى ئاچقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

  بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە جيۇخۇاشەن تېغى مەنزىرە رايونى جانلىنىپ كەتتى . ئۇچىسىغا قىزىل جىلىتكە ، بېشىغا قىزىل بۆك كىيىۋالغان پىدائىيلار ساياھەتچىلەرگە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى قىلىپ ، مەدەنىي ساياھەت قىلىش خىزمىتىدىكى يېشىل چىراغقا ئايلاندى .

  بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە «خېبېيدىكى ساخاۋەتلىك ئىش مەدەنىيەتلىك ساياھەت قىلىش ئەلچىلىرىدىن بولۇش پائالىيىتى» ئۆلكە بويىچە قانات يايدۇرۇلدى . پىدائىيلار مەنزىرە رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ساياھەتچىلەرگە تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىپ ، مەدەنىيەتلىك ساياھەت قىلىش تەشەببۇسىنى چىقىرىپ ، ساياھەتچىلەرنىڭ جايلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشىنى ، مۇلازىمەتچىلەرنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىشنى، مەدەنىيەت ۋە دوستلۇقنى تارقاتقۇچىلاردىن بولۇشنى ، مەدەنىيەت ئارقىلىق قەلبنى يورۇتۇپ ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن گۈزەل مەنزىرە يارىتىشنى مۇراجەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر