خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:27-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، سىچۈەن لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاماقخانىدىكى بىر سوتتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەت گۇماندارى دوختۇرخانىدا قېچىپ كەتكەن.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، شىچاڭ شەھىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى چىقىرغان، قاچقۇننىڭ ئىسىم ئاجىزىفا، ئەر، يىزۇ، بۇ يىل 34 ياش، خەلق ساقچىسى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئىلىپ بارغاندا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كەتكەن.ھازىر، شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغلاپ تۇتماقتا.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى