باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا ئېلانى چىقىرىش چەكلىنىدۇ

2015.04.29 22:10         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنى 24-ئاپرېل تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئېلان قانۇنىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى. بۇ قانۇندا ئېلاندا ساختا ياكى كىشىلەرنى خاتا يېتەكلەيدىغان مەزمۇن بولماسلىقى، ئىستېمالچىلارنى ئالداشقا، خاتا يېتەكلەشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەندى. بۇنىڭدىن باشقا، ئاممىۋى تارقىتىش ۋاستىلىرى ياكى ئاممىۋى سورۇن، ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرى قاتارلىقلاردا تاماكا ئېلانى چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقى؛ باشقا تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەرنىڭ ئېلانىدىن پايدىلىنىپ تاماكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ نامى، تاۋار ماركىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى تەشۋىق قىلىش چەكلىنىدىغانلىقى بەلگىلەندى.

  ئىگىلىنىشىچە، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئېلان قانۇنى 1-سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر