- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو جەنۇب-شىمال ماشىنىسازلىق شىركەتلىرى يارىشىۋالماقچى
«جۇڭگو جوڭچى» شىركىتى بارلىققا كېلىش ئالدىدا
2015.04.29 17:47 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو جەنۇب ۋە شىمال ماشىنىسازلىق شىركىتىنىڭ بىرلىشىشى ئېنىق بولۇپ قالدى. 28-ئاپرېل كەچتە جۇڭگو جەنۇب ماشىنسازلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، A پېيىنىڭ بۇ يىل 5-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ ئۇدا توختىلىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىملىق بىرلىشىشتىكى پاي ئايلاندۇرۇش تاماملانغاندىن كېيىن، «جۇڭگو جوڭچى» پېيى نامىدا قايتا تارقىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو شىمال ماشىنسازلىقى شىركىتىمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، A پېيىنىڭ بۇ يىل 5-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ، بۇ شىركەتنىڭ A پېيىنىڭ بازارغا سېلىنىش رەسمىيىتىنى تاماملاپ بولغۇچە ئۇدا توختىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر