- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو نېفىت-تەبئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى: ھېچقانداق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ئىككى شىركەتنى قايتا تەشكىللەش ھەققىدىكى ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالمىدۇق
2015.04.28 16:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو نېفىت-تەبئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى 27-ئاپرېل ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھازىرغا قەدەر شىركەتنىڭ پېيىنى كونترول قىلغان جۇڭگو نېفىت-تەبئىي گاز گوروھى شىركىتى بىلەن جۇڭگو نېفىت پاي شىركىتى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىككى شىركەتنى قايتا تەشكىللەش ھەققىدىكى ھېچقانداق يازما ياكى ئاغزاكى ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالمىدى، دېدى.
يېقىندا بەزى تاراتقۇلار جۇڭگو نېفىت-تەبئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن جۇڭگو نېفىت خېمىيە شىركىتىنى قايتا تەشكىللەش ھەققىدىكى قىياسىنى ئېلان قىلغان. جۇڭگو نېفىت-تەبئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى بۇ مىش-مىش گەپكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭغا قارىتا ئېنىقلاش ئېلىپ بارغانلىقىنى، شىركەتنىڭ ھازىرچە ئاشكارىلاشقا تىگىشلىك ياكى ئاشكارىلىمىغان ئۇچۇرلىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر