- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سۈپەتلىك بايلىقنى كۆپەيتىپ مائارىپ ئادىللىقىدىن تەڭ بەھرلىنىش
بېيجىڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدىن مەجبۇرىيەت مائارىپى تەڭپۇڭلۇقىغا نەزەر
2015.04.28 16:29 مەنبە: خەلق تورى
بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بېيجىڭدا مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇش مەۋسۇمى يىتىپ كەلسىلا، ئاتا- ئانىلار يولىنى قىلىش، مۇناسىۋەت ئىزدەش، ھاۋالە قىلىش بىلەن «ئالدىراش» بولۇپ كېتەتتى. بۇلتۇردىن باشلاپ «مەكتەپ تاللاش»نىڭ ئورنىغا «تەۋەلىكىدە ئوقۇش» ئالماشتى.«تەستىق خەتلىك ئوقۇغۇچى»،«ئېتىبارلىق ئوقۇغۇچى» دېگەن سۆزلەر قىزىق نۇقتا بولماي قالدى، ھازىر «ئۇچۇر توپلاش»، «ئوقۇش رايونى»، «توققۇز يىللىق ئىزچىل ئوقۇش تۈزۈمى»،«نىشانلىق ئۆرلەش»، «ئىشتات تەقسىماتى» قاتارلىق سۆزلەر ئومۇملىشىپ قالدى.
بۇ ئۆزگىرىش 2014- يىلى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىدىن باشلاندى. بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى شۇجىسى خې جۇڭۋېن مۇنداق دېدى: «بىز ئىنتىلىۋاتقان مائارىپ ئادىللىقى سۈپەتنى قۇربان قىلىشنى بەدەل قىلمايدۇ، ئىسلاھات ئارقىلىق مائارىپ بايلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە ئاساسىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئادەتتىكى تەڭپۇڭلۇقتىن تەدرىجىي سۈپەتلىك تەڭپۇڭلۇققا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ سۈپەتلىك مائارىپتىن تەڭ بەھرلىنىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى مەزگىلىدە تەۋەلىكىدە ئوقۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مائارىپنىڭ بۆسۈش ئېغىزى. مەكتەپ تاللاش، ئېتىبارلىق ئوقۇغۇچى قاتارلىق قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى نورمال مائارىپ تەرتىپىنى بۇزۇپ، مائارىپ ساھەسىدە چىرىكلىشىشكە تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ ئادىللىقىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر كۆرسەتتى. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىنى ساقلاپ تۇرۇشقا، كەينىگە سۈرۈشكە بولمايدۇ، جەزمەن كەسكىن ھەل قىلىش كېرەك.»
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر