- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مىنىستىر دەرىجىلىك 12 ئەمەلدار ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلدى
2015.04.28 16:25 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورى، بېيجىڭ، 27- ئاپرېل تېلېگراممىسى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 27- ئاپرېل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ھوقۇققا چېقىلىش جىنايى دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئوقتۇردى.
سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىل 1- ئايدىن 3- ئايغىچە تەپتىش ئورگانلىرى 7556 خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايى دېلوسى 9636 كىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە خىيانەتچىلىك، پارا ئالغان سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن ، ئومۇمنىڭ پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشقان دېلو 6649 غا يىتىپ، ئومۇمىي دېلو سانىنىڭ %88 نى ئىگىلىگەن. 907 ھاكىم، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىر( بۇنىڭ ئىچىدە نازىر، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىر 156 كىشى) خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق مۇھىم جىنايى دېلوسىغا چېتىلغان بولۇپ، دېلو سانىنىڭ %9.4 ئىگىلەيدىكەن.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇققاق قارشى تۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شۈ جىنخۇي تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش باش ئىدارىسى ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ دېلوسىغا يېتەكچىلىك ۋە قۇماندانلىق قىلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى، بۇ يىل ئالدىنقى ئۈچ ئايدا ئۆلكە دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرى ئۆلكە، مىنىسىر دەرىجىلىك كادىرنىڭ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇققا مۇناسىۋەتلىك 12 جىنايى دېلو، 12 كىشى ئۈستىدە دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلىدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر