- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئازادلىق ئارمىيە باش شتابى، باش سىياسىي بۆلۈم تۈنۈگۈن بىرلىشىپ كۆرسەتمە چىقاردى
2015.04.28 15:26 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئازادلىق ئارمىيە باش شتابى، باش سىياسىي بۆلۈم تۈنۈگۈن بىرلىشىپ كۆرسەتمە چىقىرىپ، بېيجىڭ ھەربىي رايونى، چېڭدۇ ھەربىي رايونى، ھاۋا ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىمدىن رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر كۆرسەتمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىزاڭ رايونىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى قىلىشنى تەلەپ قىلدى، كۆرسەتمىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يەرلىكنىڭ يول، خەۋەرلىشىش، ئېلېكتىر قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەرلىرىنى رىمونت قىلىشىغا پائال ياردەملىشىپ، قۇتقۇزۇش ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئاپەت بولغان رايوندىكى ئاممىنىڭ تاماق، ئىچىملىك سۇ، تۇرالغۇ، داۋالىنىش قاتارلىق جىددى تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر