- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خەنزۇچە-مىللىيچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمە سىستېمىسى
سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلدى
2015.04.24 08:45 مەنبە: خەلق تورى
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى بىلەن شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەبىئىي تىل بىر تەرەپ قىلىش تەجرىبىخانىسى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ئىشلىگەن خەنزۇچە-مىللىيچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمە سىستېمىسى يېقىندا تورغا چىقىرىلىپ (http://www.mzywfy.org.cn)سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلدى. بۇ سىستېمىغا خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان NiuTrans تەرجىمە قوزغاتقۇچ تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇ Web مۇلازىمېتىرىنىڭ زىيارىتىنى ۋە 2-ئەۋلاد تەرجىمە بۇلۇتى API چېتىش ئېغىزىنى قوللايدۇ؛ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش مېخانىزمى ئورنىتىلغان، تەرجىمە قىلىش سۈرئىتى تېز، تەرجىمە سۈپىتى يۇقىرى؛ خەنزۇ تىلىنى موڭغۇل، تىبەت، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەنزۇ قاتارلىق بەش ئاز سانلىق مىللەتنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلالايدۇ؛ مەملىكىتىمىز بويىچە خەنزۇ تىلى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنى بىر-بىرىگە تەرجىمە قىلالايدىغان تۇنجى قوش يۆنىلىشلىك تەرجىمە سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ سىستېما ھازىر جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
خەنزۇچە-مىللىيچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمە سىستېمىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىق تەرجىمە خىزمىتىنىڭ ئۇچۇرلىشىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىق تەرجىمە خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ سىستېما گېزىتخانا، نەشرىيات، ژۇرنال تەھرىراتى، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىلىرىنىڭ تەرجىمە ئاپپاراتلىرىدا ئىشلىتىلسە، تەرجىمە خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت سىجىللىقىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تەرجىمە سۈپىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. كەلگۈسىدە بۇ سىستېمىغا ئاز سانلىق مىللەت تىللىرى تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسىنى قوشۇش ئارقىلىق، ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنىڭ تىل تاۋۇشلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچىگىلى بولىدۇ.
ئاساسلانغان تىل ماتېرىيالى ئامبىرى سەۋەبىدىن، نۆۋەتتە بۇ سىستېمىنىڭ سىياسىي-نەزەرىيەۋى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى. كەلگۈسىدە خەنزۇچە-مىللىيچە جۈملە سېلىشتۇرمىسى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاش ۋە گىرامماتىكا قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، باشقا ساھەلەردىكى تەرجىمىنىڭ سۈپىتىنىمۇ پەيدىنپەي ئۆستۈرۈپ، قوللانغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا داۋاملىق ئۇيغۇنلىشىمىز.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى
2015-يىل 4-ئاينىڭ 21-كۈنى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر