- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كەررېفورنىڭ 237 دۇكىنى ئۈندىدار چىقىم قىلىشنى يولغا قويدى
2015.04.22 16:52 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ22 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئۈندىدار چىقىم قىلىش كەررېفورنىڭ جۇڭگودىكى شېركىتى بىلەن بولغان رەسمىي ئومومىيىۈزلۈك ھەمكارلىقى 21-ئاپرېل باشلاندى، كەررېفورنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى 237 دۇكىنى ئارقا-ئارقىدىن ئۈندىداردا چىقىم قىلىشنى يولغا قويدى. بۇنىڭدىن كېيىن خېرىدار كەررىفوردا مال سېتىۋېلىپ ھېسابات قىلىغان چاغدا، يان تېلفون ئارقىلىق چىقىم قىلىدىغان قۇلايلىقتىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە ، گۇاڭجۇ ، شېنجېندىكى كەررېفورنىك 12 دۇكىنى ئاينىڭ بېشىدا تۇنجى تۈركۈمدە ئۈندىدار چىقىم قىلىشنى يولغا قويىدىكەن ، 2 - تۈركۈمدە بېيجىڭ ، شاڭخەي، شېنياڭ، چېڭدۇ، خاڭجۇ، ۋۇخەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە ئاينىڭ ئاخىرىدا يولغا قويىدىكەن،. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ كۆپ شەھەردە ئومۇملاشتۇرۇش تېزلىتىلىدىكەن، ئۇزاققا قالماي كەررېفورنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى دۇكانلىرىدا ئومۇملىشىپ بولىدىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر