- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ھەقسىز تەكشۈرۈش بۇ يىل ئىچىدە پۈتۈن مەملىكەت ئىچىدە ئومۇملىشىدۇ
بېيجىڭدا يېرىم يىلدىن ئارتۇق داۋاملىق تۇرغانلار بۇنىڭدىن
2015.04.22 16:50 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ22 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:بۇ يىل ئىچىدە ، ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ھەقسىز تەكشۈرۈش شەھەر – يېزىلاردىكى نىشانلانغان كىشىلەر ئارىسىدا ئومۇملاشماقتا، بېيجىڭدا يېرىم يىلدىن ئارتۇق دائىملىق تۇردىغانلار بۇنىڭدىن ھەقسىز بەھرىمەن بولىدۇ، نوپۇس ئايرىمايدۇ. بېيجىڭ شەھىرى بۇ يىلدىن باشلاپ، ئەيدىزنىڭ ، سىفلىس ۋە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشىنىڭ تەكشۈرۈشى ئالدىغا سۈرۈلۈپ، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىدە دەپتەر قۇرغاندا ئېلىپ بىرىلىدىغان بولدى. بۇنىڭدىن باشقا ، بۇ يىل شەھىرىمىزدە يەنە ھامىلىدارلىق ۋە تۇغۇت مەزگىلىدىكى خامۇشلۇقنى دەسلەپكى مەزگىلدىلا تەكشۈرىدىكەن. نۆۋەتتە شىچىڭ، فېڭتەي، فاڭشەن ئۈچ نۇقتىدا سىناق قىلىشنى تاللىدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر