باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ 8239 پارچە تەكلىپ پىكىرى بىر تۇتاش بېجىرىشكە تاپشۇرۇلدى

2015.04.09 16:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 8-ئاپرېل ئېچىلغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنىدىن ئۇقىشىچە، يىغىن مەزگىلىدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىغا قويغان 8239 پارچە تەكلىپ، تەنقىد ۋە پىكىر بىر تۇتاش بېجىرىشكە تاپشۇرۇلغان.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ۋەكىللەر سۇنغان تەكلىپ پىكىرلەر ئۈچ خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، بىرىنچى؛ ۋەكىللەر سۇنغان تەكلىپ پىكىرلەرنىڭ سانى 8000 دىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش، سۆھبەتلىشىش، زىيارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەردە ھاسىل بولغىنى 5290 پارچە بولۇپ، تەكلىپ پىكىرلەرنىڭ سۈپىتى بىر قەدەر ياخشىكەن؛ ئىككىنچى؛ ۋەكىللەر دىققەت قىلغان مۇھىم نۇقتا دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش ھەمدە ئىكىلوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش قاتارلىق تەرەپلەرگە مەركەزلەشكەن، ئىسلاھات تەرەققىيات مۇقىملىقتىن ئىبارەت ئومۇمىيلىققا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلەر ۋە خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىلىق، قېيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن؛ ئۈچىنچى، ئىشنى بېجىرىدىغان ئورۇنلاردىن بېجىرىش جەريانىدا ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپ پىكىرلەر كۆرىنەرلىك كۆپەيگەن.

  ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ پىكىرلەرنىڭ مەزمۇنى ۋە ھەر قايسى بېجىرىدىغان ئورۇنلارنىڭ فۇنكىتسىيىلىك دائىرىسىگە ئاساسەن، بۇ يىلقى ۋەكىللەر سۇنغان تەكلىپ پىكىرلەر 186 ئورگان ۋە تەشكىلگە تەتقىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشقا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. ۋەكىللەر سۇنغان تەكلىپ پىكىرلەرنى بېجىرىدىغان ئورۇنلارنىڭ بېجىرىش سانى جەھەتتە ئالدىنقى بەش ئورۇندا تۇرىدىغىنى: مالىيە مىنىستىرلىقى 2410 پارچە، تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى 1916 پارچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى 870 پارچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 727 پارچە، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 707 پارچە تەكلىپ پىكىرنى بېجىرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر