باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ساختا ئىلىمىيلىك» دوستلار چەمبىرىكىگە ئېغىر زەربە بولدى

2015.04.09 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە كۈتۈنۈش، ساغلاملىق توغرىسىدىكى پاراڭلار ئەڭ كۆپ بولىۋاتىدۇ. ئۈندىدار دوستلار چەمبىرى ساغلاملىق تۈرىدىكى پىتنە-ئىغۋالار تارقىلىدىغان ئاپەت رايونىغا ئايلاندى. قىزىقىش سەۋەبىدىن كۆرۈپ بېقىش، تەكشۈرمەي تۇرۇپلا بەھرىلىنىش سەۋەبىدىن ھەر بىر كىشى «ساختا ئىلىمىيلىك»نىڭ قارىغۇلارچە ئەگەشكۈچىسى ۋە تارقاتقۇچىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

  بەزىلەر مۇتەخەسسىس ياكى نوپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ قالپىقىنى كىيىپ، كۈتۈنۈش ۋە ساغلاملىق توغرىسىدا چوڭ سۆزلەپ «راك پەيدا قىلىدۇ! زەھەرلىك!! قازا قىلدى!!!»، «تېز تارقالدى! ھەيران قالدۇردى!! ٪99 كىشى چوقۇم كۆرۈشى كېرەك!!!» دېگەندەك پىتنە-ئىغۋالارنى تارقاتتى، بۇلارنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئادەتتىكى كىشىلەر ئاسانلىقچە پەرقلەندۈرەلمىدى.

  جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىندا ئۆتكۈزگەن «پىتنە-ئىغىۋالارغا رەددىيە بېرىش يىغىنى»دا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېمەكلىك، ساغلام تۈرىدىكى پىتنە-ئىغۋالارنىڭ تارقىلىشى ئەڭ كۆپكەن. دوستلار چەمبىرىكىدىكى «ساختا ئىلىمىيلىك»نى ئاشكارىلاش ئۈچۈن، باشقۇرۇش تارماقلىرى، يېڭى تاراتقۇلار ۋە ئابونتلار بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىشى كېرەك.پىتنە-ئېغۋالار ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ تۈرگە مەركەزلەشكەن ئۈندىداردىكى پىتنە-ئېغۋالار ئاساسلىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، جىسمانىي بىخەتەرلىك، كېسەللىكتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە مەركەزلەشكەن، بۇ تۈردىكى ماقالىلەردە دائىم «راك پەيدا قىلىدۇ»«زەھەرلىك»، «قازا قىلدى» قاتارلىق سۆزلەر كۆپ ئۇچرايدۇ، «٪100»، «بىرىنچى» دېگەندەك مۇبالىغە سۆزلەرنى كۆپ ئىشلىتىدۇ.

  مەھسۇلاتىنى سېتىش ئۈچۈن يالغاندىن پىتنە-ئېغۋا تارقىتىدۇ پىتنە-ئېغۋا توقۇغۇچى ۋە تارقاتقۇچىنىڭ ئارقىست ئۈندىدارلىرى پىتنە-ئېغۋا ئارىلاشتۇرۇلغان ماقالىلەرنى تارقىتىش ئارقىلىق چېكىلىش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇپ، ئېلان ھەتتا مەھسۇلاتلارنىىغا ئادەتتە سودا مەنپەئىتى يوشۇرۇنغان بولۇپ، نۇرغۇن جامائە ساتىدۇ.

  تارقىتىشتىن بۇرۇن ئويلىنىش كېرەك

  تارقىتىشتىن بۇرۇن كۆپ ئويلىنىپ، تەكشۈرۈپ، ماقالىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى كۆرۈپ، ئىسپات تولۇقمۇ-ئەمەس، سېتىشنى مەقسەت قىلغانمۇ-يوق شۇنى ئېنىقلاش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر