باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش قانۇن ئىجراسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى

2015.04.09 14:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  30-مارتتىن 8-ئاپرېلغىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداش كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ خېبېي، تيەنجىن، بېيجىڭنىڭ ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش قانۇنى ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن يۆيۆ ئۆمەك باشلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئىكىلوگىيىلىك مەدەنىيىلىك قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىدىكى تەلىۋىنى قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىتنى قوغداش قانۇنى ۋە ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى چوڭقۇر ئىزچىل يولغا قويۇپ، مىختەك روھ بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي چىڭ تۇتۇپ، ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىنى ئۆزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى بېيجىڭ تيەنجىن خېبېيدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكىلاتىنى ئاڭلىدى، ئالاقىدار شەھەر، رايون ناھىيىلەر ۋە كارخانا ئورۇنلىرىغا بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش تېخنىكىسىنى ياخشىلاش، ئاتموسېفرانىڭ بۇلغىنىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا تەكشۈردى ھەمدە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مۇتەخەسس، ئالىملار، كارخانىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر