باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو يەمەندىكى پاكىستانلىق پۇقرالارنىڭ ۋەتىنىگە قايتىشىغا ياردەم بەردى

2015.04.07 10:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، پاكىستاننىڭ پايتەختىدىكى بېنەزەر بوتتو خەلقئارا ئايرۇدرومىغا جۇڭگونىڭ ياردىمىدىكى يەمەندىن بىخەتەر ۋەتىنىگە قايتقان 176 پاكىستانلىق ئولتۇرغان بوئېن 747 تىپلىق ئايروپىلان سىلىق قوندى.

  يەمەندىن بىخەتەر قايتقان ئۇرۇق تۇققانلىرى ئايرودرۇم زالىدا پەيدا بولغاندا كىشىلەر كەينى كەينىدىن ئالدىغا بېرىپ ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ، سالاملاشتى. نۇرغۇن كىشىلەر ھاياجېنىنى باسالماي كۆز يېشى قىلىشتى. كىشىلەر ئارىسىدا، جۇڭگونىڭ بايرىقى ئېسىلغان بىر كىچىك ھارۋىنى سۆرەپ كېتىۋاتقان ئائىلىلىك مۇخبىرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ ئائىلىنىڭ ئەر خوجايىنىنىڭ ئىسمى قادىر بولۇپ، ئېلىكتىر ئېنژېنېرى ئىدى.

  قادىر مۇنداق دېدى: يەمەن ۋەزىيىتى داۋاملىق ناچارلاشقاندىن كېيىن، ئايالىم ۋە ئىككى قىزىمنى ئېلىپ ۋەتەنگە قايتىشنى قارار قىلدۇق. ئەمما خىلمۇ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىزچىل بۇ ئويىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي كەلدۇق. «ئۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتى داۋاملىق ناچارلاشماقتا، دائىم ئوق ۋە پارتىلاش ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. بىز بىر مەزگىل مەڭگۈ ئۆيىمىزگە قايتالمايدىغاندەك تۇيغۇغا كەلگەن ئىدۇق. دېدى. ئۇ تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «كەينىدىن جۇڭگونىڭ ھەربى پاراخوتى كەلدى، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۇ جايدىن بىخەتەر قۇتۇلدۇق». «بەختىمىزگە جۇڭگو بىزنى قۇتۇلدۇردى! جۇڭگو بىزگە زور ياردەم بەردى، بىزمۇ جۇڭگونىڭ ئۈمىدىنى بىر ئۆمۈر ئاقلايمىز.»

  بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن ناۋازنىڭ بۇ قېتىمقى چېكىندۈرۈش ھەرىكىتىدىكى كەچۈرمىشى ئەگرى توقايلىققا تولغان ئىدى. ناۋازنىڭ يەمەننىڭ پايتەختى سانادا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 15 يىل بولغان، ئۇ بىر كېيىم كېچەك دۇكىنىنىڭ خوجايىنى، ئىلگىرى بىر قېتىم ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن خەلق ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ مەخسۇس ئايرۇپىلانى بىلەن ۋەتىنىگە قايتىش پۈرسىتىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى باشقا جايغا كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەچكە يانفونىمنىڭ سېگنالى يوق بولۇپ قالدى، شۇڭا ئۇچۇردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولالماي قاپتىمەن. پاكىستان پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىدىغان مەخسۇس ئايروپىلانغا چىقىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئاپتوبوسقا ئۈلگۈرەلمەي قالغان ئىدىم. مەن خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال يۈگۈرۈپ ئايرۇدرۇمغا يېتىپ بارغاندا ئايروپىلان ئۇچۇش يولىدا سېيىرىلىپ مېڭىۋاتقان ئىكەن.

  ناۋاز مۇخبىرغا : «يەيدىغان نەرسە يوق، تۇرىدىغان جايمۇ يوق، قايتىدىغان ئۆيمۇ يوق، بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ ناچار مەزگىل، مەن بالىلىرىمنى سېغىندىم!» دېدى.

  جۇڭگونىڭ ھەربى پاراخوتىنىڭ يەمەننىڭ ئادېن قولتۇقىغا كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندا ناۋاز گەرچە ئۇچاغدا جۇڭگونىڭ ھەربى پاراخوتىنىڭ چەتئەل پۇقرالىرىنى قۇبۇل قىلىدىغان قىلمايدىغانلىقىنى بىلمىسىمۇ ئىنتايىن خۇشال بولدى. «جۇڭگو پاكىستاننىڭ ياخشى دوستى، ئىزچىل ھالدا قېيىنچىلىق مەزگىلىدە بىزگە ياردەم قولىنى سۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ قېتىممۇ بىزگە چوقۇم ياردەم قىلىدۇ دەپ ئويلىدىم» دېدى ئۇ.

  ناۋازنىڭ ئاخىرى ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىپ جۇڭگونىڭ ھەربى پاراخوتىغا چىقىپ، ئۇنى قايغۇغا سالىدىغان ھەم قىيالمايدىغان بۇ جايدىن ئايرىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسى بىزگەن ئىنتايىن دوست مۇئامىلە قىلدى، بىزگە يېمەكلىك ۋە ياتاق بەردى، يەنە دوختۇرلار بىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىمىزنى تەكشۈردى. جۇڭگو يەنە بىر قېتىم ئۆز ھەرىكىتى بىلەن پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ھەقىقىي دوست قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلىدى. مەن جۇڭگو رەھمەت ئېيتىمەن.»

  ئەمەلىيەتتە، جۇڭگونىڭ ياردىمى بىلەن يەمەندىن بىخەتەر ۋەتىنىگە قايتقان بارلىق پاكىستان پۇقراسىنىڭ جۇڭگوغا چەكسىز مىننەتدارلىقى بار. يەمەندىن بىخەتەر پاكىستانغا قايتىپ ئايروپىلان بۆلمىسىدىن چىققاندا ئۇلارنىڭ كۆپى قوللىرىغا جۇڭگو پاكىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ئىدى. پاكىستاننىڭ دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرى ھاشىف ئايرودرۇمدا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمقى يەمەندىن چېكىنىش ھەرىكىتىدە ئوينىغان رولىغا يۈكسەك باھا بەردى ھەمدە جۇڭگونىڭ ۋاقتىدا ياردەم قولىنى سۇنغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

  پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئاسىرام مۇخبىرغا: ئومۇميۈزلۈك شېرىك بولۇش سۈپىتى بىلەن پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ پاكىستان پۇقرالىرىنىڭ يەمەندىن بىخەتەر چېكىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ھەمكارلىقىنى ئۈلگە دېيىشكە بولىدۇ، دېدى. پاكىستان كېڭەش پالاتاسى دۆلەت مۇداپئە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پاكىستان جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مۇساھىد ھۈسەيىن جۇڭگونىڭ يەمەندە قامىلىپ قالغان پاكسىتان پۇقرالىرىنىڭ چېكىنىشىگە ياردەم قىلغانلىقى جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولغان دوستلار ھەقىقىي دوست دېگەن ھېكىمەتلىك سۆزنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر