باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ 2014-يىللىق خىزمەت دوكلاتى ئاق تاشلىق كىتابى ئېلان قىلىندى

2015.03.24 15:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 18-مارت خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ 2014-يىللىق خىزمەت دوكلاتى ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى تۈرلۈك خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار ئاشكارىلاندى: 2014-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ خۇگىجىلتو دېلوسى قاتارلىق ئۇۋال قىلىنغان، ساختا، يالغان ئون چوڭ دېلونى قانۇن بويىچە تۈزىگەن.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2014-يىلى سوت مەھكىمىلىرى ئىنتىزام تەربىيىسى ۋە ئەدلىيىنى پاكلاشتۇرۇش تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، كادىر ساقچىلارغا جوۋ يوڭكاڭ، بوشىلەي قاتارلىقلارنىڭ قانۇننى دەپسەندە قىلىپ، پارتىيىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇپ، تەشكىلاتسىز سىياسىي ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇتتى.جوۋ يوڭكاڭنىڭ قانۇن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، سوت مەھكىمىسى خىزمىتىگە پەيدا قىلغان يامان تەسىرنى تۈگىتىپ، كادىر ساقچىلارنى ھەق بىلەن ناھەق مەسىلىسىدە مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش، بايرىقى روشەن بولۇشقا يېتەكلىدى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دېيىلدى: 2014-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى خەلق ئاممىسىنى ھەر بىر دېلودىن ئادىل ھەققانىيلىقنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئەدلىيىنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، ئەدلىيىنى ئادىل يۈرگۈزۈش خىزمەت ئاساسىي لىنىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەپ ۋە پائال ماسلىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندا بېرىلگەن مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، سوتلاش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل ئادىل يۈرگۈزدى. ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەدلىيەنىڭ ئاشكارىلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتلاش سىستېمىسى بىلەن سوتلاش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تىزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، پارتىيىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشقا ئەدلىيە جەھەتتىن كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر