- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئارمىيەنىڭ ئەرزان-قولاي ئۆيلىرىنى مەخسۇس ئېنىقلاش-رەتلەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى
2015.03.18 16:19 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 17-مارت تېلېگراممىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقى بىلەن، ئارمىيەنىڭ ئەرزان-قولاي ئۆيلىرىنى مەخسۇس ئېنىقلاش-رەتلەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى 17-مارت بېيجىڭدا ئېچىلدى، ئاساسلىقى باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قارار-كۆرسەتمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئارمىيەنىڭ ئەرزان-قولاي ئۆيلىرىنى مەخسۇس ئېنىقلاش-رەتلەش خىزمىتىگە سەپەرۋەرلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فەن چاڭلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ يىغىنغا قاتناشتى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر