- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بېيجىڭ شەھىرى كارخانىدىن پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈردى
2015.03.18 16:17 مەنبە: خەلق تورى
ئۇدا 23 قېتىم ئۆستۈرۈپ، كىشى بېشىغا ئايدا 305 يۈەن ئۆستۈرۈلدى
بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى يېقىندا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2015-يىللىق كارخانىدىن پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى كونكېرت تەڭشەش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى: كىشى بېشىغا ئايدا 305 يۈەن ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرىچە كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسى ئېيىغا 3355 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.
كونكرېت تەڭشەش پرىنسىپى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: پۇل تاپشۇرغان يىل چەكلىمىسىگە ئاساسەن ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، كۆپ تاپشۇرغانلار كۆپ ئېلىش؛ مۇتلەق قىممىتىگە ئاساسەن ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، تۆۋەن كىرىملىكلەرگە مۇۋاپىق مايىللىشىش؛ ياشقا چوڭ پېنسىيونېرلارنىڭ تەڭشەش سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇشتىن بۇرۇن ئىنقىلابىي خىزمەتكە قاتناشقان ياشانغان ئىشچىلارنىڭ پېنسىيە تەمىناتىنى داۋاملىق يەككە قاتاردا تەڭشەش؛ كارخانىلاردىن پېنسىيىگە چىققان ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىرلار، ئىلگىرى سودا-سانائەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكلارنىڭ تەڭشەلگەندىن كېيىنكى كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ پۈتۈن شەھەرنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ كارخانىدىن پېنسىيىگە چىققان، خىزمەتتىن چېكىنگەن، ئارامغا چىققانلارنىڭكىنى ئەڭ تۆۋەن كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمى بويىچە تەڭشەش.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر