باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شۈ سەيخۇنىڭ راك كېسىلى ئېغىرلىشىپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى

2015.03.17 14:57        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 16-مارت تېلېگراممىسى. شۈ سەيخۇ دوۋساق راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولۇپ، كېسەل بەدىنىنىڭ كۆپ تەرىپىگە تارقىلىپ، نۇرغۇن ئەزالىرىنىڭ فۇنكسىيەسى ئاجىزلىشىپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 2015-يىلى 15-مارت دوختۇرخانىدا قازا قىلدى.

  ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسى 2014-يىلى 27-ئۆكتەبىر شۈ سەيخۇنىڭ پارا ئېلىش جىنايى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، شۇ سەيخۇنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتى پاكىتىنىڭ ئېنىق، ئىسپاتىنىڭ ھەقىقىي، تولۇقلىقى دەلىللىنىپ، جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك ئىدى. شۈ سەيخۇ كېسەل بىلەن قازا قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شۇ سەيخۇنى ئەيىبلىمەسلىك، پارا ئېلىش جىنايىتىدە ئالغان تاپاۋىتىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر