باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم

2015.03.15 10:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇشتىكى ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى. بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش-جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئولۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق بىر قەدەم. بۈگۈنكى بۇ كەڭرى زېمىندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش بىلەن جۇڭگو ئارزۇسى خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك كارتنىسىنى سۈرەتلەپ، پۇتكۇل جەمئىيەتنىڭ «ئورتاق نىشان»نى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق كۆرەش قىلىشىغا باشلامچىلىق قىلىشتىكى دەۋىر باش تېمىسىغا ئايلاندى.

  خۇبىي ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن ۋەكىل سۈن دۇڭلىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: دېھقانلار بېيىسا، دۆلەت بېيىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا يېزا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى جۇڭگو يولىدا مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ.

  خېيلوڭجىياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن ۋەكىل جاڭ شىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەت ئىلىكىدىكى كارخانىلار يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىشى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ قېيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. دۆلەت ئىلىكىدىكى كارخانىلار ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تۈزۈلمە مېخانىزمى، ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش، تۆمۈر ئورۇندۇق ۋە داش قازاننى بۇزۇپ تاشلاش، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بازارغا كىرىپ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ خاتىرجەم ئولتۇراقلىشىشىغا باشلامچىلىق قىلىشقا قارىتىپ، زامانىۋى كارخانا گوروھىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  بېيجىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن ۋەكىل فىڭ لىپىڭ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: دېھقانلار ھاللىق سەۋىيەگە يەتمىسە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ھاللىق سەۋىيەگە يېتەلمەيدۇ. ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، دېھقانلارنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرگەندىلا، تەرەققىياتتا ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئاساس بولىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى مەبلىغى سېلىنمىسىنى زورايتىپ، مەركەزلىك، ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش كېرەك. يېزا ئاممىۋى مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيتىش كېرەك.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يادروسى- ئومۇميۈزلۈك بولۇشتا، ھەر قانداق بىر بالىنى ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش سېپىدىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك. يۈننەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن ۋەكىل فاڭ لىيەنيىڭ مۇنداق دېدى: يېزىلاردىكى نامرات رايونلاردىكى ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار دۆلەتنىڭ مەكتەپ ئۇزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانىدا ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ بالىلارغا بىر ۋاق ھەقسىز چۈشلۈك تاماق بېرىپ، مائارىپنىڭ ئادىللىقىدىن مەنپەئەت ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش تەكلىپىنى بىرىمەن. مۇشۇنداق قىلغاندىلا باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان بالىلارنى تېخىمۇ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلدۇرۇش، تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇش، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش-بۇ يېڭى تۇرمۇش نىشانى، شۇنداقلا ئاساسى قاتلامدىكى خادىملارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تىرىشچانلىقىنىڭ تىرىشىش نىشانى. چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن ۋەكىل بى شىڭجۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چىڭخەي-غەربى رايون، ئېگىزلىك، مىللىي رايون، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەسى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدە يەنىلا پەرق بار، بۇنىڭدىن كېيىن 1-دىن نامراتلارنى يۆلەش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭ تۇتۇش بولۇپمۇ نامرات نوپۇسنى ئازايتىپ، كۆك نامراتلىقنى تۈگىتىشى؛ 2-دىن ئىكولوگىيەنى قوغداپ، ئاممىنى پاكىز سۇ ئېچىش، كۆك ئاسماننى كۆرۈش، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر