- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئەزالار يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھەققىدە ئەڭ كۆپ تەكلىپ بەردى
2015.03.15 10:08 مەنبە: خەلق تورى
نۆۋەتتە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئشىلەش كەسپىدە ساقلىنىۋاتقان ئىككى قانۇن تەڭ يانداش يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىغا قارىتا جەنۇپ قارا كۈنجۈت گۇرۇھىنىڭ باش ئىنژېنىرى ۋەكىل لەي شۆجيا تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «يېمەكلىك بىخەتەرلىك قانۇنى» ۋە « يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپىتى بىخەتەرلىك قانۇنى»دىكى تەكرارلىنىپ قالغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەمنى قوللىنىپ، ئوخشاش بىر قانۇننى ئاساس قىلىپ، ئېتىزدىن داستىخىنىمىزگىچە زەنجىرسىمان باشقۇرۇپ، ئستېمالچىلارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئىگەللىنىشىچە، 2006-يىلى چىقىرىلغان « يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپىتى بىخەتەرلىك قانۇنى» ۋە 2009-يىلى چىقىرىلغان« يېمەكلىك بىخەتەرلىك قانۇنى»دا ئوخشاش بولمىغان بەلگىلىمە سىستېمىسى قوللىنىلغان، ئىككى قانۇندا ئاساسلىنىدىغان ئۆلچەملەرمۇ ئوخشىمايدىكەن، بەزى نۇقۇل يېزا ئىگىلىك مەھۇسلاتلىرى ۋە يېمەكلىكلىرىگە قويۇلغان ئۆلچەم بىرقەدەر ئېنىق بولسىمۇ ئەمما يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى ھەم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ھەم يېمەكلىك سۈپىتىدە بىۋاستە ئىشلىتىلىدىغان زىرائەت دەپ بېكىتىلگەن، بۇنداق بولغاندا كارخانىلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا قايسى قانۇندىكى بەلگىلىمىنى ئاساس قىلىش قىيىنغا توختاپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ھالقىسى باغلاشماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر