- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ۋەكىل بەي يەنسۇڭ: شەھەرلەردىكى گېزىت-ژۇرنال بوتكىلىرىنى wifi مەركىزى قىلىپ ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ
2015.03.12 16:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى، بېيجىڭ، 11-مارت تېلېگراممىسى. بەي يەنسۇڭ يېقىندا «شەھەرلەردىكى گېزىت-ژۇرنال بوتكىلىرىنى ئۆزگەرتىش» توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: تىجارەتنى داۋاملاشتۇرۇش تەسلىشىش، ئېلىمىز گېزىت-ژۇرنال بوتكىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىسى، بۇ گېزىت-ژۇرناللارنى سېتىش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشى، يېڭى تاراتقۇلارنىڭ تەسىرى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، لېكىن گېزىت-ژۇرنال بوتكىلىرى تىجارەت كىرىم مەنبەسىنىڭ نوقۇل بولۇشى بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. گېزىت-ژۇرنال بوتكىلىرى جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ كۆزنىكى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى گېزىت-ژۇرنال بوتكىلىرىنى ئازايتماستىن، زور كۈچ بىلەن يۆلەپ تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇنى شەھەرنىڭ مەدەنىيەت بەلگىسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.
بەي يەنسۇڭ:« گېزىت-ژۇرنال بوتكىلىرىمىز كەلگۈسىدە كىچىك wifi مەركىزى قىلىنىپ، تۈرلۈك مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىنى رەتلەپ ئېلېكترونلۇق كۆرسىتىش ئېكرانىدا كۆرسەتسە، كىشىلەر بۇ شەھەرنىڭ مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ھېس قىلالايدۇ.» دېگەن تەكلىپنى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بېيجىڭدا مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىككى جاي بار، ئۇنىڭ بىرسى دۇڭدەن تەنتەربىيە مەيدانى، ئۇ جايدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ جانلىق كەيپىياتىنى كۆرگىلى بولىدۇ، يەنە بىرسى پايتەخت تىياتىرخانىسىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدىكى تام، ئۇنىڭدا دىراممىغا مۇناسىۋەتلىك سانسىزلىغان ئۇچۇر، ئېلان ۋە باشقا نەرسىلەر بار، بۇلارنى يەنە قەيەردا كۆرگىلى بولىدۇ؟
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر