- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 1-يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2015.03.12 16:14 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-مارت تېلېگراممىسى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 1-يىغىنى 11-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ چېننىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقىش ۋە تۈزىتىش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تۈزۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر