- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۆلەت ئىچى ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىدە تېلىۋىزىيەنى بىۋاستە كۆرسىتىش تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلدى
2015.03.12 15:56 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت ، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- مارت، دۆلەت ئاۋىئاتسىيەسى CA1303 قېتىملىق ئايروپىلانىدا،يولوچىلار تۇنجى قېتىم WiFi تورى ئارقىلىق مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىۋاسىتە كۆرسەتكەن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنى كۆردى. بۇ ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئىچى ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىدە تېلىۋىزىيەنى بىۋاستە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. دۆلەت ئاۋىئاتسىيەسى ئېلىمىزدىكى تۇنجى بولۇپ يولۇچىلار بۆلۈمچىسىدە تېلىۋىزىيەنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق بىۋاستە تارقاتقان ئاۋىئاتسىيە شېركىتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر