- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ليۇ بىنجې تۇغۇت سىياسىتى ئۈستىدە توختالدى
2015.03.12 11:14 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىر تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولسا ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا يول قويۇش قارارىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشنى قاچان قويۇپ بېرىش جەمئىيەتنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. بۇ ھەقتە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ پەن مەدەنىيەت سەھىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەزا ليۇ بىنجې مۇنداق دېدى: ھازىر بىر تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولسا قوش پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنىڭ تەسىرى تەكشۈرۈۋاتىدۇ ۋە باھالىنىۋاتىدۇ، مەملىكەت بويىچە ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىشتە يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6-يىغىنىدا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللىنىپ :1-دىن پىلانلىق تۇغۇت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇش؛ 2-دىن تۇغۇت سىياسىتىنى ۋاقتىدا تەڭشەش؛ 3-دىن، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشىلاش تەكىتلەندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر