- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كېلەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردە بىرلىككە كەلگەن ئىمتىھان سوئالى قوللىنىلىدۇ
2015.03.09 15:11 مەنبە: خەلق تورى
[خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 8-مارت تېلېگراممىسى] مالىيە مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئالي مەكتەپ ئىمتىھان سوئالىنى قوللىنىشنى كېڭەيتىمىز، بۇ يىل ئۈچ ئۆلكىگە كېڭەيتىلىدۇ، كېلەر يىلى يەتتە ئۆلكىگە كېڭەيتىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا دۆلەت ئىمتىھان مەركىزى بىرلىككە كەلتۈرگەن ئىمتىھان سوئالىنى قوللىنىدۇ.
ئۇ: بۇ يىل مەملىكەتلىك نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىدە، رىغبەتلەندۈرۈش خاراكتېرلىك نومۇر قوشۇپ بېرىش ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىنىدۇ (مەسىلەن: تەنتەربىيەدە ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچى قاتارلىق ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنگەن ياكى ئالاھىدە تۆھپىلەرنى قوشقان ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار)، بەزى يۆلەش خاراكتېرلىك سىياسەتلەر ساقلىنىپ قالىدۇ (مەسىلەن: ئىمتىھان بەرگۈچى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرى قاتارلىقلار)؛ يەرلىك نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىمۇ ٪60تىن ئارتۇق قىسقارتىلدى، ئون نەچچە ئۆلكە، شەھەر يەرلىك نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرىنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلدى، دېدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر