- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلىشىپ يەرشارى مۇھىتىنى قوغدايدۇ
2015.03.09 14:23 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2014-يىلى 11-ئايدا جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت بىرلىكتە «جۇڭگو-ئامېرىكا كېلىمات ئۆزگىرىش بىرلەشمە باياناتى» ئېلان قىلىپ، يەرشارى كېلىمات ئۆزگىرىشىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى، ھەمدە تۇنجى قېتىم مىقتارلاش شەكلىدە ئۆزلىرىنىڭ 2020-يىلىدىن كېيىنكى بۇلغىما قويۇپ بېرىش ھەرىكىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى. نۆۋەتتە جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت بىرلەشمە باياناتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ بۇ مۇھىم ھەمكارلىقى خەلقئارادا كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى. بىر قىسىم دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى، تەتقىقاتچىلار زىيارەتنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «جۇڭگو-ئامېرىكا كېلىمات ئۆزگىرىش بىرلەشمە باياناتى» تۆۋەن كاربونلۇق يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشنى بېكىتتى، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت پۇختا ھەمكارلىق ئارقىلىق، يەرشارى كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىگە يېڭى ئاكتىپ كۈچ قوشتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر