- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو باج ئىسلاھاتى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مىزگېنىنى چالدى
2015.03.08 17:19 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
كىرىم تىز سۈرەتتە ئېشىش كۆرۈنەرلىك ئاستىلىغان باج كىرىمى يېڭى تۇراقلىق ھالىتىدە 2015-يىلى جۇڭگو باج ئىسلاھاتى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مىزگېنىنى چالدى. بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى، مالىيە خامچوت دوكلاتى ۋە پىلان دوكلاتىدىن بايقىلىشىچە، تىجارەت بېجى ئىسلاھاتى قوشۇلما قىممەت بېجى، بايلىق بېجى ۋە شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشتىن باشقا،باج قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەنلىرى ئۆي مۈلۈك بېجى ۋە مۇھىت ئاسراش بېجى بولۇپلا قالماستىن يەنە پاراخوت تونناژ بېجىمۇ تۇنجى قېتىم كۆرۈلدى.
12-بەش يىللىق پىلان بويىچە ،2015-يىلى تىجارەت بېجى ئېلىمىز تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندۈرۈلگەن تۇنجى يىل. مالىيە مىنىستىرى لوۋجىۋېي ھازىر ئاخىرقى ئىسلاھات لايىھىسى تۈزۈلۈۋاتقانلىقى، بۇ يىل چىقىرىلىشىغا كۈچ چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مۇتەخەسسىسلەر تىجارەت بېجى ئىسلاھاتى قوشۇلما قىممەت بېجى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشسە تەكرار باج ئېلىشنى تەخمىنەن تىرىليون يۈەنلىك كۆلەمدە ئازايتقىلى بولىدۇ، دەپ مۆلچەرلىدى.
ئىستېمال بېجى كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەش ۋە مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشقا يېتەكلەش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىستېمال بېجىنىڭ باج ئاساسى ئاپتوموبىل ، تەييار نېفىت، تاماكا ، ھاراق قاتارلىق 15 تۈرلۈك ئالاھىدە بەلگىلەنگەن تاۋارلارنىڭ سېتىلىش سوممىسى ياكى سېتىلىش مىقدارىدىن كېلىدۇ. مالىيە مىنىستىرلىقى مالىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ليۇ شياڭشى مۇنداق دېدى: ئىستېمال بېجى ياكى ئالىي ھەشەم بۇيۇملىرىدىن ئېلىنىدىغان باج ياكى بېنزىن دىزېل مېيى قاتارلىق ئېنېرگىيىنىڭ خورىشى، بۇلغىمىسى يۇقىرى مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان باجنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ سىياسەت يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، شۇنداقلا كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەش رولى بار بولۇپ، ئىسلاھاتنى تېخىمۇ ئادىللىققا ئىگە قىلىدۇ.
خامچوت دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2015-يىلى ئۇنىۋېرساللىق بىلەن تۈرلەرگە ئايرىش بىرلەشتۈرۈلگەن تاپاۋەت بېجى ئىسلاھات لايىھىسى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لوۋ جىۋىي تاشقى ساھە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان شەخسى تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىدا شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىش نۇقتىسىنى ئۆرلىتىش ياكى ئۆرلەتمەسلىكىگە قارىتا مۇنداق دېدى: باج ئېلىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى ئاسانلا ئۆستۈرۈش ئادىل ئەمەس.شەخسى تاپاۋەت بېجى باج تۈزۈمى مۇۋاپىق بولماسلىق مەسىلىسىگە يولۇقماقتا. ئىسلاھاتنىڭ ئاچقۇچى باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش. ئۇنۋېرىسال بىلەن تۈرلەرگە ئايرىش بىرلەشتۈرۈلگەن شەخسىي تاپاۋەت بېجى سىياسىتىنى بىرقەدەر ئىلمىيلاشتۇرۇشتا شەخسلەرنىڭ بېقىش ۋە قاراش يۈكىنى ئويلىشىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر