باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر بەلباغ بىر يول مەدەنىيىتىدە خېلى خېلى ئىشلارنى قىلىش كېرەك

2015.03.07 09:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا ئېلىمىزنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى ئىستراتېگيەسى ۋەكىللەر ۋە ئەزالار قىزغىن مۇنازىرە قىلىدىغان تېمىغا ئايلاندى، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى نۇرغۇن ئەزالار : بىر بەلباغ بىر يولدا ئىقتىسادى مەزمۇن بولۇپلا قالماي يەنە مەدەنيەت مەزمۇنىمۇ بولۇشى كېرەك دەپ تەكلىپ بەردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئاتاقلىق رېژىسسور چېن ۋېييا مۇنداق دېدى: قەدىمدىن بۇيان، يىپەك يولى جۇڭگو بىلەن غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ جىپىسىلىشىپ تەرەققىي قىلىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن، جۇڭگو مەدەنىيىتى قەدىمىي يىپەك يولى ئارقىلىق غەرپكە تارالغان، ئېلىمىز ئوتتۇرىغا قويغان بىر بەلباغ بىر يول ئىستراتېگيەسىدە جۇڭگو بىلەن ياۋرو ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى يولى ئېچىلىدۇ، ئەھمىيىتى چوڭ.

  شۇڭا مەن مەدەنىيەت مەزمۇنىنى يېڭى يىپەك يولى ئىستراتېگيەسىگە كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بېرىمەن، ئېلىمىز تارىختىكى يىپەك يولى مەدەنىيىتىنى تولۇق قېزىپ، زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ يىپەك يولىغا بولغان تەسىرىنى بايقىسا، سەنئەتكارلارغا ئالاھىدە مەدەنىيەت سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن كەڭ كۆلەمدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنى تارقاتسا بولىدۇ.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو مەدەنيەت مىراسلىرى تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ تىڭخاۋمۇ تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ئۆزئارا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىش، يۇقۇرى دەرىجىلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈش، مەدەنىيەت تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، لىنيە بويىدىكى دۆلەت ۋە خەلقنى بىز بىلەن ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش ئارزۇسىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر