- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مائارىپ مىنىستىرلىكى: ئۆتكەن يىلى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلارنىڭ سانى 459800 ئادەم، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگىنى 364800 ئادەم
2015.03.06 14:29 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىكى 5- مارت دۆلىتىمىزنىڭ 2014- يىللىق چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2014- يىلى دۆلىتىمىزدىن چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان ئادەم جەمئىي 459800ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدەدۆلەت ئەۋەتكەن 21300 ئادەم ، ئىدارە ئەۋەتكەن15500 ئادەم ، ئۆز پۇلى بىلەن ئوقۇشقا چىققان 423000ئادەم. بىرلا ۋاقىتتا، 2014- يىللىق قايتىپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ ئومۇمىي سانى 364800 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئەۋەتكەن 16100ئادەم، ئىدارە ئەۋەتكەن 12600ئادەم، ئۆز پۇلى بىلەن ئوقۇشقا چىققانلاردىن 336100ئادەم.
تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، 2014-يىلى ۋە 2013- يىلىدىكى سىتاستىكا سانلىق مەلۇماتىنى سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئوقۇشقا چىققان ۋە قايتىپ كەلگەن ئادەم سانى يەنىمۇ كۆپەيگەن. ئوقۇشقا چىققان ئادەم سانى 45900ئادەم ئېشىپ، 11.09% ئاشقان. قايتىپ كەلگەن ئادەم سانى 11300ئادەم ئېشىپ، 3.2% ئاشقان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر