باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەزالار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەشۋىقات ئىدىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدە پىكىر بەردى

2015.03.05 14:15        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى «يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەشۋىقات ئىدىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى، بۇ ھەقتە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالار بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: ئالىي مەكتەپلەر كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئەھۋالى تەربىيەسىنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشى كېرەك. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، پۇمى مىللىتىدىن بولغان ئەزا ئېرباشىننا مۇنداق دېدى: جىسىمسىز ماددىي مەدەنىيەتنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كۆپرەك كىرگۈزۈلۈشنى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى جۇڭگونىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەمەلىي دۆلەت ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، تاجىك مىللىتىدىن بولغان ئەزا دەيمىك دىۋانا مۇنداق دەپ قارىدى: ئالىي مەكتەپلەر مەدەنىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، ئۆز مىللەت تىلىدىن باشقا، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ئۆگىنىشنى كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن دۇنيانىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىگە ئەگىشىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ ساپاسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر