- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بۇ يىللىق ئىككى يىغىن تەكلىپلىرىدە جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق ئارزۇسى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ
2015.03.05 10:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بۇ يىل ئىككى يىغىن تەكلىپىدە جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق ئارزۇسى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. 3-مارت چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاچقان يىغىندا ئۆمەكنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فاڭ شىنيى بۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ سۇنۇشىغا قارىتا مۇنداق دېدى: تەكلىپ سۇنغاندا خەنزۇچە خەت ھېسابىدا 200 خەتتىن ئاشمايدىغان تەكلىپنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى بىرلا ۋاقىتتا سۇنۇش تەلەپ قىلىندى. ئەنخۇي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، ياڭ جيې قاتارلىق ۋەكىللەر ئۆچىرەت تۇرۇپ يىغىننىڭ قىزىل تەكلىپ لايىھىسى قەغىزى ۋە يېشىل تەكلىپ قەغىزىنى ئالدى. ياڭ جيې تەكلىپكە مۇھىم مەزمۇن يېزىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇھىم مەزمۇنىنى يازغاندا يۈزەكى ئۆزگەرتىش بىلەن ئىچكى جەھەتتىن ئۆزگەرتىشنى تەكلىپنىڭ مەزمۇنى قىلدى. مېغىزلىق گەپ قىلىشنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خەينەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لو باۋمنىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى تەكلىپ سۈپىتى يەنە ئۆستى. بۇنىڭدىن كېيىن كۆپ ئىشلارنى قىلغىلى بولماسلىقى مۇمكىن ، بىراق مەۋقەنى خەينەنگە مەملىكەتكە قارىتىپ، سۈپەتلىك، ئومۇمىيلىق كۆزلەنگەن، خەينەنگە پايدىلىق تەكلىپلەرنى سۇنۇش ئەڭ ياخشى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر