- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ كۈن تەرتىپى ئېلان قىلىندى
2015.03.04 14:50 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-مارت تېلېگراممىسى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ كۈن تەرتىپى 3-مارت ماقۇللاندى. يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
بىرىنچى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛ ئىككىنچى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك 2-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛ ئۈچىنچى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ3-يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىش، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلاش ۋە مۇزاكىرە قىلىش؛ تۆتىنچى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارلىرىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش؛ بەشىنچى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش؛ بەشىنچى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش؛
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر