- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئەلىبابا مېيزۇ شىركىتىگە 590مىليون دوللار مەبلەغ سالدى
پايچېكى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان ئەلىبابانىڭ ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق مەبلەغ سېلىشى بولۇپ قالدى
2015.02.10 18:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېبرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆز ئارا كۆز بېقىشىپ يۈرگىلى ئۇزۇن بولغان ئەلىبابا بىلەن مېيزۇ ئاخىرى قول تۇتۇشتى. تۆنۈگۈن مېيزۇ پەن-تېخنىكىسى بىلەن ئەلىبابا گوروھى بىرلىكتە، ئەلىبابا گوروھىنىڭ مېيزۇ شىركىتىگە 590مىليون دوللار مەبلەغ سالماقچى بولغانلىقىنى، شۇنداقلا خەيتوڭ كەييۈەن فوندىنىڭمۇ مېيزۇغا 60مىليون دوللار مەبلەغ سالماقچى بولغانلىقىنى جاكارلىدى. مېيزۇ بۇنىڭ بىلەن جەمئىي 650مىليون دوللار مەبلەغكە ئىگە بولىدىكەن، بۇ ھەم مېيزۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئىستراتىگىيەلىك مەبلەغ سالغۇچىنى باشلاپ كىرىشى بولۇپ قالىدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر