سۈرەتتە:3-فېۋرال،خىزمەتچى خادىملار نەنجىڭ شەھىرى لۇكۇ خەلقئارا ئايرودرومنىڭ ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىدا ئايروپىلانغا ماي قاچىلىماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ4- فېۋرال ، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا ماي باھاسىنىڭ ئۇدا چۈشۈشى تەسىرىدە،5-فېۋرالدىن باشلاپ، مەملىكەت ئىچىدىكى ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىدە يېقىلغۇ قوشۇمچە ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرىلدۇ،يولۇچىلار ئايروپىلان بېلەت باھاسى ۋە 50 يۈەنلىك خەلق ئاۋىئاتسىيە تەرەققىيات فوندىنى تۆلىسىلا بولىدۇ. ئىگىلىنىشچە،بۇ 6يىلدىن بۇيان مەملىكەت ئىچىدىكى ھەرقايسى چوڭ ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىم يېقىلغۇ قوشۇمچە ھەقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ھېسابلىنىدىكەن
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى(جۇ خەيجۈن فوتوسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى