- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۆلىتىمىزنىڭ تۆمۈر يول تىجارەت مۇساپىسى 112مىڭ كىلومىتىردىن بۆسۈپ ئۆتتى
2014- يىللق تۆمۈر يول قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى پۈتۈنلەي تاماملاندى
2015.01.30 17:42 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ تۆمۈر يول باش شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2014 –يىلى، تۆمۈر يول باش شىركىتى تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم مۇھىم قۇرۇلۇشلار پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەت تىجارەت مۇساپىسى 112 مىڭ كىلومىتىردىن بۆسۈپ ئۆتتى. بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تىجارەت مۇساپىسى 16 مىڭ كىلومىتىردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئوتتۇرا غەربىي قىسىم تۆمۈر يول تىجارەت مۇساپىسى 70 مىڭ كىلومىتىرغا يىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي تۆمۈر يول تىجارەت مۇساپىسىنىڭ %62.3نى ئىگەللىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر