- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


يېزا ئىگىلىكى ۋە ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارغا باج جەھەتتە يەنە مەدەت بېرىلىدۇ
2015.01.29 09:20 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق قەرزى ۋە ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ قەرز زىيىنى زاپىسى تاپاۋەت بېجىنى باج ئېلىشتىن بۇرۇن تۇتۇپ قېلىش، پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ ئادەتتىكى قەرز زىيىنى زاپىسىنى باجدىن بۇرۇن تۇرۇپ قېلىش توغرىسىدىكى باج سىياسىتىنى بەش يىل ئۇزارتىشنى قارار قىلدى. 2014-يىلى 1-يانۋاردىن 2018-يىلى 31-مارتقىچە، پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق قەرزى ۋە ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ قەرزنى خېيىم خەتىرىنى تۈرلەرگە ئايرىغاندىن كېيىن، بەلگىلىمىدىكى نىسبەت بويىچە ھېسابلىنىدىغان قەرز زىيىنى زاپىسى بەلگىلىمە بويىچە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باجنى ھېسابلىغاندا تۇتۇۋېلىنسا، پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ كىرېدىت خېيىم خەتىرىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، يېزا ئىگىلىكى يېزىلار، دېھقانلار،ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار ۋە ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر