- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


يالغۇز پەرزەنت ئاتا-ئانىسىنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ، دېيىش مۇباغىلەشتۈرىۋەتكەنلىكتۇر
ئۆلگەنلىك ئىسپاتى بولمىسا باشقا ماتېرىياللار بىلەن ئىسپاتلىسا بولىدۇ
2015.01.28 16:46
خەلق گېزىتى مۇخبىرى ئالاقىدار ساھەدىكى نوپۇزلۇق خادىملار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى زىيارەت قىلدى. ئەمەلىيەتتە «يالغۇز پەرزەنت ئاتا-ئانىسىنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ» دېگەن گەپ رېئال تۇرمۇشتىكى ئالاھىدە ئەھۋاللارنى كۆپتۈرىۋەتكەنلىكتۇر.
ئېلىمىزنىڭ ۋارىسلىق قانۇنىغا ئاساسەن، پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ مال-مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلىشتا قانۇنىي ۋارىسلىق ۋە ۋەسىيەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇل بار. ئاتا-ئانىسى ھايات ۋاقتىدا ۋەسىيەت قالدۇرغان بولسا، پەرزەنتى ۋەسىيەتتە يېزىلغان ئۇسۇل بويىچە مىراسقا ۋارىسلىق قىلىدۇ. ۋەسىيەت قالدۇرمىغان بولسا، قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن رەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 1-رەتتىكىلەر ئېرى ياكى خوتۇنى، پەرزەنتى، ئاتا-ئانىسى، 2-رەتتىكىلەر ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، بوۋا-مومىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.ئۆي-مۈلۈك ھازىر مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە، ئۆي-مۈلۈك تىزىملاش ئورگانلىرى دائىم ۋارىسلىق قىلىش ئىسپاتى ياكى سوتنىڭ ھۆكۈمىنى ئىسپات ماتېرىيالى قىلىپ ئاندىن نامنى يۆتكەپ بېرىدۇ. توردا تارقىلىپ يۈرگەن گەپلەر قانۇنىي ۋارىسلىق شارائىتتا، يالغۇز پەرزەنتلەر ئىلگىرىكى ئارخىپلار تولۇق بولمىغانلىقتىن 1-رەتتىكى باشقا ۋارىسلىق قىلغۇچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىغان ئەھۋالدا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆي-مۈلكىگە نامىنى يۆتكىيەلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر