- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2013-يىلى مەملىكەت بويىچە مەدەنيەتكە ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى 2تىرىليون يۈەندىن ئاشتى
2015.01.27 11:18 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ماتېرىيالىغا ئاساسەن 2013-يىلى ئېلمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئالاقىدار كەسپلەرنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچىنى ھېسابلاپ چىقتى، 2013-يىلى ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت كەسىپىنىڭ كۆپەيمە قىممىتى 2 تىرىليون 135 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە مەدەنىيەت كەسپى قانۇن ئىگىلىرى ئورۇنلارنىڭ كۆپەيمە قىممىتى 2 تىرىليون 8 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 201 مىليارد يۈەن يەنى %11.1 ئاشقان ئوخشاش مەزگىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ھازىرقى باھا بويىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن بىر پوئىنت يۇقۇرى بولغان.
كەسىپلەر بويىچە قارىغاندا مەدەنيەت ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ كۆپەيمە قىممىتى 916 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، %42.9نى، پائالىيەت خاراكتىرى بويىچە ئايرىغاندا مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرشىدىن ھاسىل بولغان كۆپەيمە قىممەت 1 تىرىليون 269 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %59.5نى ئىگەللىگەن، مەدەنىيەت كەسپى كۆپەيمە قىممىتىدە مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ۋە لايىھىلەش مۇلازىمىتىدىن يارىتىلغان كۆپەيمە قىممەت 349 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %16.4نى ئىگەللىگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر