- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خۇگجىلتۇنىڭ ئاتا-ئانىسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىكى دېلو بېجىرگۈچىلەر ئۈستىدىن ئەرز قىلدى
2015.01.26 08:36 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن خۇگجىلتۇنىڭ ئاتا-ئانىسى لى سەنرېن بىلەن شاڭ ئەييۈندىن ئۇقۇشىچە، ئۇلار ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە رەسمىي شىكايەتنامە تاپشۇرۇپ، ئەينى يىلى خۇگجىلتۇ دېلوسىنى بېجىرگەن جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوتنىڭ ئالاقىدار خىزمەتچىلىرى ھەم مەسئۇل كىشىلەر ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، تەپتىش ئورگانلىرىدىن بۇنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى تېگى-تەكتىگىچە سۈرۈشتۈرۈش ھەم سۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان.
مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، نۆۋەتتە ئىچكى موڭغۇلدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى، سوت سىستېمىسى تەكشۈرۈشنى باشلىغان، تەكشۈرۈشتە جىنايەتكە چېتىشلىق يىپ ئۇچى ياكى قىلمىشىنى بايقاپ قالسا، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ يەنىمۇ تەكشۈرۈشىگە قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر