- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى
2015.01.26 08:32 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 23-يانۋار يىغىن ئېچىپ، « دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى پىروگراممىسى »نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دوكلات خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەھۋاللارغا ئائىت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، 2014-يىللىق مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، كېيىنكى قەدەمدىكى ئىستىل تۈزىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەستىن چىڭ تۇرۇپ، مەركەزلىك بىرلىككە كەلگەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نوپۇزلۇق بولغان دۆلەت بىخەتەرلىك رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۆلەت بىخەتەرلىك ئېڭى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق دۆلەت بىخەتەرلىك كەسپىي قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر